باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مېكسىكا ئاخباراتچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.05.24 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 22 – ماي چۈشتىن كېيىن مېكسىكا ‹‹2020 – يىللىق ئىقتىسادىي پىلان›› ژۇرنىلىنىڭ شېرىكلەشكۈچىسى جوس لۇيىس ئۇرىبې ئورتېگا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى مېكسىكا ئاخباراتچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  بۇ ئۆمەك جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 21 – ماي ئېلىمىزگە كەلگەن بولۇپ، 30 – مايغىچە بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدا زىيارەتتە بولىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. مېكسىكا ئاخباراتچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مېكسىكىنىڭ مۇھىم ئاخبارات تەشكىلاتى مېكسىكا 1 – بەت كۇلۇبى تەشكىللەپ ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆمەكتە جەمئىي سەككىز كىشى بار.

  كۈرەش مەخسۇت ئالدى بىلەن مېكسىكا ئاخباراتچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  كۈرەش مەخسۇت مېكسىكا ئاخباراتچىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى، ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىگە ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا بىر – بىرلەپ جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە