باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نەسۇرۇللا سۇرىيە توقۇنۇشىنى سىياسي يول ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.05.27 08:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى نەسرۇللا 25-ماي كەچتە ئاللاھ پارتىيىسى سۇرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇشقا قارشى تۇرىدۇ، سۇرىيە كرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ دەپ تەكىتلىدى.

  نەسرۇللا مۇنداق دېدى: ھازىر، لىۋان نۇرغۇن خىرىس ۋە خېيىم خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئىككى خېيىم خەتەر بولسا ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ياۋۇز نىيىتى ۋە پىلانى بىلەن سۇرىيەدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشى.

  نەسرۇللا مۇنداق دېدى: 2006-يىلى لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختاتقاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئىزچىل لىۋان چېگرىسىغا قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزدى ھەمدە ھەر كۈنى دېگۈدەك لىۋانغا ئۇرۇش قوزغايمىز دەپ تەھدىت سېلىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە