باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە ئېرقىي كەمسىتىش ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن

2013.05.24 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-ماي، كورېيە «چاۋشيەن گېزىتى» «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، گەرچە كورېيەنىڭ ئىقتىسادى بىلەن مائارىپ سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بىلەن ئېرقىي كەمسىتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى 80 دىن ئارتۇق دۆلەتكە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا قارىشى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئېرقىي كەمسىتىش قاتلىمى يەتتە تۈرگە بۆلۈنىدىكەن، كورېيە بولسا ئېرقىي كەمسىتىش جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  دۇنيا قارىشى تەكشۈرۈشى ئىرقىي كەمسىتىش سەۋىيىسىنى ئۆلچەپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا «سىز كىم بىلەن قوشنا بولۇشنى ئەڭ خالىمايسىز؟» دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نەتىجىدە %36.4 كورېيەلىك زىيارەت قىلىنغۇچى «باشقا ئېرقتىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇش»نى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ باھا بېرىشىچە، كورېيەنىڭ ئىقتىساد ۋە مائارىپ سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى ھەم مىللەتلەر ئارا ھېچقانداق بىر زىددىيەت يوق دېيەرلىك بولغان كورېيەدە ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولۇشى، ناھايىتى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.

  شۋېتسىيە ئىقتىسادشۇناسلىرى يېقىندا دۇنيا قارىشى تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئاساس قىلغان بىر قېتىملىق تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادىي سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا، باشقا ئېرقتىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىكى كەڭ قورساقلىقى شۇنچە يۇقىرىلاشقا قاراپ ماڭىدىكەن. ئەمما كورېيەدىكى ئەھۋال بۇ نەتىجە بىلەن قارمۇ-قارشى چىققان. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كورېيەدە ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ ئېغىر بولۇشىغا ئاساسلىقى كورېيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىرلا مىللەتلىك دۆلەت بولغانلىقىغا بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى سەۋەب بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە