- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تايلاندتا پارلامېنت ئەزالىرى يارىشىش تەكلىپ لايىھەسى سۇندى
2013.05.24 16:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
تايلاندنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى 23 – ماي پارلامېنتقا يارىشىش تەكلىپى سۇندى، تەكلىپ لايىھەسىدە 2006 – يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيان سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ جازاغا ئۇچرىغانلارنى كەچۈرۈم قىلىپ، ‹‹قىزىل مايكىلىقلار›› بىلەن ‹‹سېرىق مايكىلىقلار››دىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھنىڭ يارىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىندى.
بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى تايلاندنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭلىسى چالېرم تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ‹‹چالېرم تەكلىپ لايىھەسى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تەكلىپ لايىھەسىگە ئاساسەن، 2006 – يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن تارتىپ تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللانغان كۈنگە قەدەر، سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش سەۋەبىدىن جازالانغانلارنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان ئەدلىيە ۋە سوت تەرتىپى توختىتىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك كېسىم ۋە جازالارنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
بۇ تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللانسا، ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا ‹‹قىزىل مايكىلىقلار›› بىلەن ‹‹سېرىق مايكىلىقلار››نىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ۋە تەشكىللىگۈچىلەر كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.
بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنى قوللايدىغان ‹‹قىزىل مايكىلىقلار›› نىڭ قىسمەن ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇلار: بۇ تەكلىپ لايىھەسى ‹‹قىزىل مايكىلىقلار››نىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ، دەپ قارىغان.
تايلاند پارلامېنتى بۇ يىل 8 – ئايدا بۇ تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ، سىياسىي تەھلىلچىلەر: بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور، دەپ قارىماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە