باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ماداغاسقارنىڭ سايلام مۇساپىسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.05.24 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 20-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت سايلامدىن ۋاز كەچكەن ماداغاسقارنىڭ ئۆتكۈنچى پىرېزىدېنتى راچاۋرىنانىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىغا ئايلانغانلىقىدەك سايلام مۇساپىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەشلەرگە كۆڭۈل بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ماداغاسقار سايلام ئالاھىدە سوتى 3-ماي پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرى سايلامغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئۆتكۈنچى پىرېزىدېنت راچاۋرىنا بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، فرانسىيەدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن سابىق پىرېزىدېنت راچىراكا بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن سابىق پىرېزىدېنت راۋامانانانىڭ ئايالى رورا، راۋامانانا بىرلا ۋاقىتتا پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا ئايلاندى. بۇنىڭغا قارتا بانكىمون باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ 2011-يىلى بېكىتىلگەن ماداغاسقار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يول خەرىتىسىگە خىلاپ. باياناتدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سايلام مۇساپىسىغا ماسلىشىشى ماداغاسقاردىكى ھەر قايسى تەرەپلەر يول خەرىتىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈپىتىدە ئەمەل قىلىدىغان بىردىن بىر ئۇسۇلى قىلىشىغا باغلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە