- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياۋروپا ئىتتىپاقى لىۋىيەنىڭ چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى
2013.05.24 16:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى 22 – ماي لىۋىيەگە ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە ياردەم بەرگۈچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا چېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
پىلان بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بەرگۈچىلىرى 6 – ئايدا لىۋىيەگە بېرىپ بولىدۇ، ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 كىشىگە يېتىدۇ، يىللىق خىراجىتى 30 مىليون ياۋرو بولىدۇ. ئۇلار تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، لىۋىيە دائىرىلىرىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى، بۇ لىۋىيە ۋە ئەتراپتىكى رايونلار، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
لىۋىيەنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسى 4300 كىلومېتىردىن، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ھەريىلى نۇرغۇن كىشى لىۋىيەدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە