باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ

2013.05.24 16:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى گېراسىموۋ 23 – ماي: رۇسىيە ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان يەر شارى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنىڭ رۇسىيەنىڭ تەھدىت كۈچىگە پەيدا قىلىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

  گېراسىموۋ شۇ كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا خەۋپسىزلىكى خەلقئارا يىغىنىدا: ‹‹ئامېرىكىنىڭ يەر شارى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ يادرو ئەمەلىي كۈچىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدىكى ھەربىي تېخنىكا سىستېمىسى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، بىز بۇ نۇقتىنى يوشۇرمايمىز››، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ سىستېمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ رولىنى باھالىشىغا باغلىق.

  رۇسىيە ش ئا ئە ت نىڭ ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورنىتىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە ش ئا ئە ت دىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى رۇسىيەگە قاراتماسلىق توغرىسىدا ‹‹ئەدلىيە كاپالىتى›› بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ش ئا ئە ت بۇ ھەقتە ‹‹سىياسىي كاپالەت›› بېرىشكىلا قوشۇلغان. بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ بېشىدا، ش ئا ئە ت تۈركىيەگە ‹‹ۋەتەنپەرۋەر›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە