باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرەيلى (1)

2013.05.24 16:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلىگەن) يىغىنىدا ئۈچ يىللىق تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يەكۈنلەش جەريانىدا ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىشنى قەدىرلەپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەزەرىيەۋى ئىشەنچ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى چىڭىتىپ، يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  چېن لىشىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 22 – ماي چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەر، تەجرىبىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە يەكۈنلىدى، بۇ ئارقىلىق ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەزەرىيەۋى ئىشەنچ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى چىڭىتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەڭشەش ئېلىپ باردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە