باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا گۈللىنىش ئۈچۈن يەنە ئۈچ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك

2013.05.24 09:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافرىقنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى 50 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ھازىر ئوڭۇشسىزلىقلاردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن، گۈللىنىش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ھالقىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان يەنە ئۈچ ئۆتكەل بار.

  تىنچلىق، مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش ئافرىقىنىڭ گۈللىنىش يولىدىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئاساسى ئاجىز تىنچلىق ئافرىقا پۇقرالىرى ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ. ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى چوڭ كۆل رايونىدىن ئەرەب دېڭىزىغا يېقىن ئافرىقا تومشۇقىغىچە، گىۋىنىيە قولتۇقىدىن كونگو دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سومالى، مالى، كونگو(كىنشاسا) قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى جېدەل – ماجىرا پاتقىقىدىن تېخىچە قۇتۇلالماي، تەرەققىياتتا قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  لېكىن، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئافرىقا ئىتتىپاقى رامكىسىدىكى 54 ئەزا دۆلەتتە ھازىر مۇقىملىق، تىنچلىق ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ توقۇنۇشلارنى ئۆزكۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىش ئىقتىدارى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيدى. بۇ يىل ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە كىرىزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى توقۇنۇشنىڭ تېزرەك ھەل قىلىنىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ھەقلىقمىزكى، مۇقىملىق، تىنچلىق كۆپ ساندىكى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشمايدىغان شېرىن چۈش ئەمەس.

  مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش 2 – ئاچقۇچلۇق مەسىلە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايلىقى مول ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 1 – مۇئاۋىن لىدىرى داۋىد لىپتون يېقىندا موزامبېكتا زىيارەتتە بولغاندا، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا تېز ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن، ئافرىقا دۆلەتلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ۋە ئۈمىدۋار كۆزلىمىدىن مەغرۇلىنىپ كەتمەستىن، تېخىمۇ سەگەك بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ‹‹قاتتىق دېتال›› ياكى ‹‹يۇمشاق دېتال›› جەھەتتىن قارىغاندا، ئافرىقىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش زاپاس كۈچى ھېلىھەم يېتىشمەيدۇ.

  قاتتىق دېتال جەھەتتىن ئېيتقاندا، كۆپ ساندىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يول، سۇ، توك قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا بانكىسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، قالاق ئۇل ئەسلىھە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئىشلەپچىقىرىشىنى %40چە كېمەيتىۋەتكەن، بۇ كىشىنى ئېچىندۈرىدۇ؛ مائارىپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇش سەۋىيەسى، خىزمەت ئۈنۈمى قاتارلىق ‹‹يۇمشاق دېتال›› جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئافرىقا دۆلەتلىرى يەنىلا تۆۋەنرەك سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى دۆلەتلەر سودا مۇھىتىنى باھالاش دوكلاتىدىكى رەت تەرتىپتە ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان.

  خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئافرىقىدىكى سىياسىي دائىرىلەر، سودا ساھەسىدىكىلەر ئۆزلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن ھېس قىلدى. يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئافرىقىنىڭ ‹‹ئۇزاق مەزگىللىك رىقابەت كۈچى››نى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بەس – بەستە ئەقىل كۆرسەتتى. ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى كابېرۇكا، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتتا قاتارلىقلار: ئافرىقا چەت ئەللەرنىڭ ياردىمىگىلا تايىنىۋالماستىن، بەلكى مول بايلىقىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى تېپىش ئافرىقىنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى 3 – ئاچقۇچلۇق مەسىلە. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۆتكەن ئەسىردە ئارقا – ئارقىدىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تەرەققىيات داۋامىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈردى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى غەرب دۆلەتلىرى ئافرىقىدا ‹‹ۋاشىنگتون ئورتاق تونۇشى››نى بازارغا سېلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن مالىيە ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنى قىسىشنى تەلەپ قىلدى، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم بەرگەندە زىيادە قاتتىق شەرت قويدى. لېكىن، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى.

  ئەمەلىيەتتە، كۆپ دۆلەت ئالىملىرى غەربنىڭ بۇ ئاتالمىش ‹‹شىپالىق دورىسى››دىن گۇمانلاندى. جەنۇبىي ئافرىقا ئۇنىۋېرسىتېتى تابو مبېكى ئافرىقا رەھبەرلىك كۈچى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گۇمېدې مۇنداق قارىدى: ئافرىقىنىڭ نامراتلىقىنى ئاساسەن غەرب كەلتۈرۈپ چىقارغان، ‹‹ۋاشىنگتون ئورتاق تونۇشى›› ئافرىقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىۋەتتى، ئافرىقا يېڭى تەرەققىيات ئۇسۇلىغا موھتاج، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  تارىخىي ساۋاقلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تاپقاندىلا، سىجىل راۋاجلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدى ھەم مۇشۇنداق تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە