باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرەيلى (2)

2013.05.24 16:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم ھۆكۈمى؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى تەڭشەش ۋە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر يۈرۈش تەلەپلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، زىممىسىدىكى مۇھىم بۇرچى ۋە تارىخىي ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يىڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئۈچ يىل شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەك كۆلەمدە گۈللەندۈرۈش، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۈچ يىل بولدى، بۇ ئۈچ يىلدا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا خۇشاللىنارلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئەمەلىيەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش ئىدىيە، تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەرنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىز ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، خۇلاسىلەش جەريانىدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خۇلاسىلەش جەريانىدا ۋارىسلىق قىلىشنى قەدىرلەپ، خۇلاسىلەش جەريانىدا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، خۇلاسىلەش جەريانىدا ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە بولغان نەزەرىيەۋى ئىشەنچنى چىڭىتىپ ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر بىز يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. يېڭى ۋەزىيەت ئىلمىي راۋاجلىنىش، ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزنى؛ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى ياخشىلاپ، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملەش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشىمىزنى؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى ياخشى قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. بىز خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم، دەيدىغان يېتەكچى ئىدىيەدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق››تىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى:

  بىرىنچى، ئىقتىسادىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە