- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىران جاسۇس تورىنى بېتچىت قىلىپ، 28 ئادەمنى قولغا چۈشۈردى
2013.05.24 13:56 مەنبە: خەلق تورى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 21-ماي، ساقچى تەرەپنىڭ ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق تورىنىڭ 10 ئەزاسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئاي ئىلگىرى بۇ جاسۇسلۇق تورىنى بېتچىت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
باياناتچى مۇنداق دېدى: 10 نەپەر گۇماندارنىڭ سەككىزى سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق، بىرى لىۋانلىق يەنە بىرى تۈركىيەلىك بولۇپ، بۇ جاسۇسلۇق تورىدىكى گۇماندارلار سانى 28 گە يەتكەن.
بىراق 3-ئايدا قولغا ئېلىنغان بىر لىۋانلىق كىشى قۇيۇپ بېرىلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە