باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ زەردارى بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ياخشى ھەمراھ ۋە قېرىنداشلاردىن بولۇشىنى تەكىتلىدى

2013.05.23 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

22-ماي، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىسلامئاباد نۇر خان ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى، پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن پاكىستان زۇڭلىسى خوسۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. سۈرەتتە، لى كېچياڭ زەردارى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسى )
  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي ئىسلامئابادتىن بەرگەن خەۋىرى: ئەمدىلا ئىسلامئابادقا يېتىپ كېلىپ پاكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-چېسلا چۈشتە پاكىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زۇڭتۇڭ زەردارى بىلەن كۆرۈشتى. پاكىستاننىڭ نازارەتچى زۇڭلىسى خوسۇ، كاندىدات زۇڭلىسى شېرىپ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا تايىنىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن، سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك قېرىنداشلاردىن بولۇش ئۈچۈنكۈچ چىقىرىدۇ. (مۇخبىر ۋۇ لىجۈن، ياڭ شۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە