ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولدى
2013.05.24 16:59 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياخۇ تۈنۈگۈن زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشكەندە: ئىسرائىلىيە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، دېدى.
بۇ كېررىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۆتىنچى قېتىم ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇشى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە