باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان تاراتقۇلىرى لى كېچياڭنىڭ زىيارىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى

2013.05.24 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
 دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا پاكىستاندىكى گېزىتلەردە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، لى كېچياڭنىڭ پاكىستاندىكى زىيارىتىگە يۈكسەك دېققەت قىلىندى ۋە ئىجابىي باھا بېرىلدى.

  پاكىستاندا چىقىدىغان«مىللەتلەر گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ پاكىستانغا قىلغان زىيارىتى پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگېيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، پاكىستان ئىزچىل تۈردە جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، پاكىستان جۇڭگو بىلەن بىرگە تىشىرىپ، ئىككى دۆلەت، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  «مىللەتلەر گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە پاكىستان خەلقى ئەڭ ئاپىرىن ئەيتىدىغىنى چەتئەللەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئەنئەنىۋىي ياردەم بېرىش تۈرى، جۇڭگو قىلغان ياكى قىلىۋاتقان ئىشلار پاكىستان خەلقىغە تېخىمۇ بەخت يارىتىدۇ، جۇڭگو پاكىستانغا ئەزەلدىن خالىسانە، شەرتسىز ياردەم بېرىپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك ، رايون ۋە خەلقئارانىڭ تىنچىلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

  پاكىستاندا چىقىدىغان« ئاخبارات خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت باش مىنىستىرسىنىڭ تۇنجى زىيارىتى، بۇ دەل پاكىستان ئەمدىلا خەلق پارلامېنت سايلىمىنى ئاخىرلاشتۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى، بۇ پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ.

  پاكسىتاندا چىقىدىغان سەھەر گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ دەل پاكسىتان خەلق پارلامېنت سايلىمى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ، يېڭى ھۆكۈمەت تېخى قۇرۇلمىغان مۇشۇنداق مەزگىلدە زىيارەتكە كېلىشى پاكىستان جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقانداق ۋەزىيەت ۋە مۇھىتتا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە