باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلارنى كۆزدىن كەچۈردى

2013.05.24 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

21-چېسلادىن 23-چېسلاغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان لۇشەن رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-چېسلا چىڭدۇدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سوراپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغۋار روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇشنى تەكىتلىدى، جاڭ گاۋلى قاتارلىق يولداشلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: لۇشەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش خەتىرىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، شۇڭا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغۋار روھىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، يارىدارلارنى كۈچەپ داۋالاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنى ئاپەتنىڭ تەسىرىدىن تېزرەك قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
شى جىنپىڭ ئەسكەرلەر بىلەن قىزغىن قول ئىلىشىپ كۆرۈشمەكتە.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە