- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىل توققۇز چوڭ ساھەدىكى ئىسلاھات تىزلىتىلىدۇ
2013.05.27 17:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن بۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ « ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر 2013-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى پىكىر»ىگە تەستىق سېلىپ، بۇ يىل مەمۇرىي تۈزۈلمە، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش، باھا، خەلق تۇرمۇشى، شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يېزائىگىلىكى ۋە يېزا، پەن-تېخنىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات سالمىقىنىڭ ئاشۇرىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
«پىكىر»دە بۇ يىللىقنۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتش، نوپۇس تەۋەلىكى تۈزۈمىئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاقىدارجامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ شەخسلەر تۇرالغۇ ئۆي بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈش؛ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ تەدبىرلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنىڭ ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان مەشغۇلات لايىھەسىنى تۈزۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (مۇخبىر جۇ جيەنخۇڭ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە