- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلار 31-مايدىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ تەقلىدىي ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ
2013.05.28 16:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ توردا تەقلىدىي ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 31-مايدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
26-ماي ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا تەقلىدىي ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 21-ماي بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:00 دىن 31-ماي بېيجىڭ ۋاقتى 20:00 گىچە ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ ، مۇشۇ مەزگىلدە ، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzs. edu.cn) غا چىقىپ ، تەقلىدىي ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 2013-يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىي ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 10-ئىيۇن سائەت 8:00 دىن 15-ئىيۇن سائەت 20:00 گىچە بولىدىكەن .
تۈركۈملەر بويىچە قوبۇل قىلىنىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالماسلىق ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تېخى قوبۇل قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ توردا تولدۇرغان تەقلىدىي ئارزۇ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىپ ئارخىپ چىقىرىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە