باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە بىر «تۇل خوتۇن» ئۆلۈۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم قىلىپ، 10 نەچچە ئادەم يارىلاندى

2013.05.27 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ماخاچقارا ئىچكى كابېنت مىنىسترلىقى ئەتراپىدا ئۆلۈۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئايال بەدىنىگە بومبا چىگىپ پارتلىتىۋەتكەن. ھازىرغا قەدەر بۇ پارتلاشتا بىر ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئون كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم بولغان. يارىدارلار ئىچىدە بىر قانچە ساقچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ يارىسى خېلىلا ئېغىر ئىكەن. ھۇجۇم قىلغۇچى بولسا نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيەدە تۇل خوتۇنلار قوزغىغان ئۆلۈۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالدى. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «تۇل خوتۇنلار» -- رۇسىيەگە قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئىسلام قوراللىقلىرىنىڭ خوتۇنى ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 25-ماي، يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەت گۇماندارىمۇ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ خوتۇنى ئىكەن. داغىستان بىلەن چېچىنىيە چېگرىسى قوراللىق توقۇنۇش كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بىرىنىچى كۈنى، ماخاچقارادا ئىككى قېتىم بومبا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت كىشى ئۆلۈپ، خېلى كۆپ ئادەملەر يارىلانغان ئىدى.

  ئامېرىكا بوستوندىكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقە مەيدانىنى پارتلىتىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى جوكخار ۋە تامېرلەن چېرنايىۋ ئاكا ئۇكىلار بۇرۇن ماخاچقارادۇ قىسقا مەزگىل ئولتۇراقلاشقان. تامېرلەن بۇلتۇر داغىستاندا يېرىم يىل تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە