باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شىۋېتسارىيەدىكى ئېينىشتىيىن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2013.05.27 08:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن بېرندىكى ئېينىشتىيىن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن بېرندىكى ئېينىشتىيىن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېينىشتىيىن مۇزېيى-بېرن تارىخىي مۇزېيىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇن مول. لى كېچياڭ ئېينىشتىيىننىڭ بېرندىكى تۇرمۇشى، تەتقىقاتى، بولۇپمۇ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلارنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېينىشتىيىن-بېرننىڭ ئىپتىخارى شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ شان-شەرىپى. ئېينىشتىيىننىڭ كەچۈرمىشلىرى تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى بولمىسا، ئىجادىيەت كۈچىنىڭ بولمايدىغانلىقى، تېرىشقان، ياخشى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  لى كېچياڭ بېرن تارىخىي مۇزېيىدا جۇڭگو چىن شىخۇاڭ ساپال ئەسكەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چىن شىخۇاڭ ساپال ئەسكەرلىرى-جۇڭگونىڭ تارىخ، مەدەنىيەت جەۋھىرىنىڭ بىر قىسمى. ئىككى كۆرگەزمىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى ھەمكارلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-شىۋېتسارىيە مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ زامان، ماكاندىن ھالقىغان ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇ كۈنى، لى كېچياڭ يەنە جۇڭگونىڭ شىۋېتسارىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، جۇڭگو مەبلىغى ئورگانلىرى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە