باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گېرمانىيەنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك گېزىتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

2013.05.27 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 23-ماي گېرمانىيەنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك گېزىتىدە «يەنىمۇ ئىلگىرلەش» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: مەن پات ئارىدا گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولماقچى، بۇنىڭدىكى مەقسەت-جۇڭگو گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ بۇ خىل رىشتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، رىقابەتلىشىش يامان ئىش ئەمەس. نۆۋەتتىكى دۇنيادا سىياسىينىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى يەنىلا چوڭقۇر راۋاجلانماقتا. جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ياۋروپانىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ بولىدىغانلىقىغا، دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن سودىنى بايرىقى روشەن ھالدا قوللىشى، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە