باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

بىر فوند جەمئىيىتى: 20 مىليون يۈەن ئىئانە پۇلنىڭ قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىسى يوق

2013.05.27 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىلدىن ئاشقان جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئىجتىمائىي نازارەت كومىتېتى يەنە گۇمانغا ئۇچرىدى. ئىجتىمائىي نازارەت كومىتېتى «قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭئالاقە تارمىقى» دەپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يېقىندا يەنە مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ئۈچ ھەيئىتى قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بىلەن مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشى ياكى سودا ھەمكارلىقى بار، دەپ كۆرسىتىلدى.

  قىزىل كىرىست جەمئىيىتى20 مىليون يۈەن ئىئانە پۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، «بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىر فوندى جامائەت پاراۋانلىقى تەتقىقات ئورنى» (ھازىر نامى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى تەتقىقات ئورنى دەپ ئۆزگەرتىلگەن)نى قۇرغان دېگەن بۇ گەپكە قارىتا، تۈنۈگۈنمەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېنياۋ جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ پۈتۈنلەي تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، دېگەن.

  بىر فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ پېڭتەتقىقات ئورنى قۇرغان پۇل كارخانىلارنىڭ نىشانلىق ئىئانىسىدىن كەلگەن، قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىسى يوق، دېگەن. تۈنۈگۈن كەچ قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئىجتىمائىي نازارەت كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى خۇاڭ ۋېيمىن نۆۋەتتە ئىجتىمائىي نازارەت كومىتېتى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ ئېنىقلاۋاتىدۇ، «قانداقلا بولمىسۇن، بەزى ئىشلارغا نەچچە يىل بولۇپ كەتتى» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە