باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بۇ يىل پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن 3580 نى قوبۇل قىلىدۇ

2013.05.28 09:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن 3580 نى قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 3000 ئوقۇغۇچى، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 80 ئوقۇغۇچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  24 – ماي ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرس بىلەن مەخسۇس كۇرس بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن، تولۇق كۇرس بويىچە خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى، ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا قاتارلىق 16 كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۇلار شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، سانجى ئىنستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق تۆت ئالىي مەكتەپتە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن. مەخسۇس كۇرس بويىچە تىل – ئەدەبىيات، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق 13 كەسىپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالتە مەكتەپتە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل تولۇق كۇرس بويىچە بۇلتۇرقىنىڭكىدىن 2100 ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا، مۇزىكا، سەنئەت، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى (تەبىئىي پەنلەر)، يەسلى مائارىپى كەسپى قاتارلىقلار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مەخسۇس كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت ۋە يەسلى مائارىپى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدىكەن.

  ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن. بىرى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئاممىۋى قۇرۇلۇش، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، مال دوختۇرلۇقى قاتارلىق 16 كەسپكە 380 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى، تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جياڭسۇ سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالتە مەكتەپتە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن. يەنە بىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن مېخانىكا قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ساياھەت باشقۇرۇش قاتارلىق بەش كەسىپكە 120 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن.

  ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا ‹‹پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى››غا تىزىملاتسا بولىدىكەن. (ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە