باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق 12 ئالىم ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىك نامزاتىغا كۆرسىتىلدى

2013.05.27 16:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى ياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتكە 2013 – يىلى كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان ئاكادېمىكلەر نامزاتى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭدىن 12 كىشى نامزاتلىققا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر كىشى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان ئاكادېمىك نامزات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 11 كىشى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان نامزات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ شىنجاڭلىق نامزاتلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل.

  ئىگىلىنىشىچە ، 2013–يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان 391 نامزاتنى بېكىتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خالمۇرات غۇپۇر نامزاتلىققا سايلانغان ؛ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان 560 نامزاتنى بېكىتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋېن خاۋ ، شىنجاڭ قاتناش پىلانلاش، لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىدىكى چېن فامىن ، شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات يۇرتىدىكى چېن شياۋگۇاڭ ، شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك كان مەھسۇلاتلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ، ئېچىش ئىدارىسىدىكى دۇڭ ليەنخۈي ، شىنجاڭ چارۋىچىلىق ئاكادېمىيەسىدىكى تيەن كېچۈەن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىۋىتلىق ئۆچكە تەتقىقات ئورنىدىكى ئېرشات مالىك ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى چېن شى، چېن يانىڭ ، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى لى خاۋ ، شىنجاڭ تيەنيې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى ۋۇ شەن (ئايال)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئاكادېمىيەسىدىكى چېن شۆگېن قاتارلىق 11 كىشى نامزات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن .

  مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان نامزاتلار بىر ئاي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، كېيىنكى مەزگىلدىكى باھالاش ۋە سايلاش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ .

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گۈيجېن : ئىككى ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلارنى سايلاش خىزمىتى ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېدى . بۇ يىلدىكى نامزاتلار تىزىملىكىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن–تېخنىكا ئالىي ئىختىساسلىقلىرى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ؛ ساھەلەردىن قارىغاندا ، كۆپىنچىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە ئالاھىدە ساھەلەرگە توپلانغان. مەسىلەن : مىللىي تېبابەت ، يېزا ئىگىلىكى ، چارۋىچىلىق كەسپى ، كان مەھسۇلاتلىرى ، قاتناش ، ئېكولوگىيە قاتارلىقلار . بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن–تېخنىكىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ ، پەن–تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ ، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا زور كۈچ چىقىرىپ ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە