خەلق تورىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئىفئوپىيە پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە سومالى زۇڭتۇڭى ھەسەن شەيىخ ماھمۇد ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئەددىس-ئەبېبەدە 21-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سومالى زۇڭتۇڭى ھەسەن شەيىخ ماھمۇد 26-ماي سومالىي ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتى»نىڭ بىتچىد قىلىنغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ سومالى ۋە ئەتراپتىكى رايونلار ھەتتا دۇنيا بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتىنىڭ يەنىلا يوقالمىغانلىقىنى ئېيتتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېڭ چېنگۇاڭ فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى