باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى غەيرىي بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشقانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى

2013.05.24 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا تاراتقۇلاردا، غەيرىي بېيجىڭ نوپۇسىدىكى جاڭ تۇ ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بېيجىڭدا ئىمتاھانغا قاتنىشالماي، «ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن بىۋاسىتە بېيجىڭدا ئىمتاھانغا قاتناشقان ھەم 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلگەن» دېگەن خەۋەر تارقىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

  لېكىن جۇڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە بىر قىسىم داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرنىڭ يالغانلىقىنى بايقىدى.

  دۆلەت ھالىقىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىدىغان كۆچمەنلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2009-يىل 11-ئايدا «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ‹ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›»نى ئېلان قىلدى (مائارىپ مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى [2009] 83-نومۇرلۇق).

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق بەلگىلەندى، 2010-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ «ئىناۋەتلىك چەت ئەل پاسپورتى ياكى 4 يىلدىن يۇقىرى تارىخقا ئىگە دۆلەت تەۋەلىك ئىسپاتى بولۇشى، يېقىنقى 4 يىل (ئوقۇشقا كىرگەن يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇنغا قەدەر) ئىچىدە چەت ئەلدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق رەسمىي ئولتۇراقلاشقان خاتىرىسى بولۇشى كېرەك».

  ھۆججەتتە يەنە مۇنداق بەلگىلەنگەن، ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى (ئىچكى قۇرۇقلۇق)، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرى چەت ئەلگە كۆچمەن بولغاندىن كېيىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئەگەر جۇڭگو پۇقراسى سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ئۇنداقتا جۇڭگودا ئولتۇراقلاشقان چەت ئەللىك مۇھاجىر ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە بېكىتىلگەن تىزىملىتىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن بولسا، تۇرۇشلۇق ئۆلكە (رايون، شەھەر) دىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تارقاتقان «چەت ئەللىك مۇھاجىرلارنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسى» بىلەن، تۇرۇشلۇق ئۆلكە (رايون، شەھەر) دىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى بېكىتكەن ئورۇندا تىزىملىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە