- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىدا 590 مىليون دوللارلىق لاتارىيە مۇكاپاتى چىقتى
2013.05.21 16:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئىشتات خەلقى تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتقان «كۈچلۈك توپ» (Powerball) لاتارىيەسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى يېقىندا بىر تەلەيلىك كىشىگە چىققان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 590 مىليون دوللار بولغان. ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى فىلورىدا ئىشتاتىدا سېتىلغان ئىكەن.
«كۈچلۈك توپ» لاتارىيەسى ئامېرىكىنىڭ 40 نەچچە ئىشتاتىدا سېتىلىدۇ، ھەر بىر پارچىسى ئىككى دوللار، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى 175 مىليوندە بىر بولۇپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلار ئاۋۋال 59 نومۇر ئىچىدىن بەش نومۇرنى تاللايدۇ، ئاندىن كىيىن يەنە 35 نومۇردىن توغرا بولغان «كۈچلۈك توپ» نومۇرىنى تاللاپ چىقىدۇ، مانا مۇشۇ ئالتە نومۇرنىڭ ھەممىسى توغرا چىققاندىلا ئاندىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە