- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قازاقىستان پىرېزىدېنتى ئادىل بولغان دۇنيا ئىقتىسادى تەرتىپىنى ئورنىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.05.27 08:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايىف 23-ماي 6-نۆۋەتلىك ئاستانە ئىقتىساد مۇنبىرىدە ئادىل بولغان دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ئورنىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
نەزەربايىف مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئەسىردىكى دۇنيا بىر يېڭى يەرشارى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قېلىپىغا مۇھتاج، بۇ قېلىپ ئالدى بىلەن ئادىل دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسى ئاساسىغا ئورنىتىلىشى كېرەك. بۇ ئىقتىسادىي قېلىپتا، ئىنسانلار ياراتقان بارلىق بايلىق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك. نەزەربايىف يەنە بىر يۈرۈش يەرشارى كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەمەل قىلىدىغان ھەرىكەت قېلىپىنى ئورنىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە