باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئاز ساندىكى ئاتا-ئانىلارلا بالىلار كىيىمىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىنى چۈشىنەلەيدىكەن

2013.05.27 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى جۇڭگو شەھەرلىرىدىكى بالىلار كىيىمىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئاران %20 كە يەتمەيدىغان ئاتا-ئانىلار بالىلار كىيىمىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىنى چۈشىنەلەيدىكەن.

  دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەسىلە بار مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇش مەركىزى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شىئەن، جېڭجۇ شەھەرلىرىدىكى ئۈچ ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغان 4551 ئادەمنى سوئال-جاۋابلىق تەكشۈرگەن، نەتىجىدىن ئايان بولۇشىچە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلار كىيىمىنى سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان ئامىل كىيىم رەختىنى تۇتقاندىكى سېزىم ئىكەن، ئاندىن قالسا بىخەتەر بولۇشى ئىكەن.

  ئېلىمىز يېڭىدىن تۈزگەن «دۆلەت توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسىي بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى» بۇ يىل 1-ئاۋغۇست رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى ئۆلچەمدە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇنىڭدا بالىلار كىيىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇش، مۇھىت ئاسراشقا قاراپ يۈزلىنىشمۇ بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە