باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىڭدىن ئارتۇق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم ئۆزىنى تىزىملاتمىغان

2013.05.27 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-ماي سائەت 18:30 ئۆتكەندە، شىنجاڭدا 7760 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىشقا تېزىملاش ئاخىرلىشىدۇ. 26-ماي سائەت 0:00دىكى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1228 خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم ئۆزىنى تىزىملاتمىغان، بۇ خىزمەت ئورۇنلىرى ئاساسلىقى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرى ئىكەن.

  26-ماي مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، تىزىملانغانلار بىر قەدەر كۆپ بولغان ئورۇنلار قۇبۇل قىلىدىغان ئادەم سانىمۇ بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلار ئىكەن.

  تىزىملاتقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئورۇن سايباغ رايونىغا قاراشلىق مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرى بولۇپ، پىلان بويىچە ئالتە ئادەم قوبۇل قىلىندىغان بۇ ئورۇنغا، 1195 ئادەم تىزىمغا ئالدۇرغان. شىنجاڭ تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە يەتتە ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، 401 ئادەم تىزىمغا ئالدۇرغان، تېزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  ئادەم قوبۇل قىلىش شەرتلىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا تېزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانىمۇ بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. بىر ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان غۇلجا شەھەرلىك يېڭيەر يېزىسىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللەت، كەسىپ چەكلىمىسى يوق، 35ياشتىن تۆۋەن، مەخسۇس كورس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش سەۋىيەسىدىكى كىشىلەر تېزىمغا ئالدۇرسا بولىدىغان بولۇپ، نوپۇسى غۇلجىدا ياكى غۇلجىدا توغۇلغان قىزلار تىزىملاتسا بولىدىغان بولغاچقا 239 ئادەم تېزىمغا ئالدۇرغان.

  ھېچكىم تېزىملانمىغان خىزمەت ئورۇنلىرى ۋىلايەت، ئوبلاست قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر كۆپ ئىكەن، مەسىلەن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر، ناھيەگە تەۋە بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان ئورۇن 200گە يېقىنلىشىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە