- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدا كۆرۈنەرلىك يامغۇر ياغىدۇ
2013.05.27 15:20 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
خۇاڭخەي ھەم جەنۇبقا سۈرۈلگەن كۆپ قىسىم رايونلاردا يامغۇر ياغىدۇ
مۆلچەرلىنىشىچە ، 26-ماي سائەت 8:00 دىن 27-ماي سائەت 8:00 گىچە، خېنەننىڭ شەرقى ، شەندۇڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ، جياڭسۇ ، ئەنخۇي ، خۇبېينىڭ شەرقى ، جياڭشىنىڭ شىمالى ، خۇنەننىڭ جەنۇبى ، گۇاڭشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي رايونلىرى ، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا غەرب رايونلىرى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە شەندۇڭنىڭ جەنۇبى ، جياڭسۇنىڭ شىمالى ، ئەنخۇينىڭ شەرقىي شىمالى ۋە غەربىي جەنۇب رايونلىرى ، جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمال رايونى ، گۇاڭشىنىڭ شەرقى ، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر (200~100 مىللىمېتىر) ياغىدىكەن .
27-ماي سائەت 8:00 دىن 28-ماي سائەت 8:00 گىچە، شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبى ، خېيلۇڭجياڭنىڭ غەربىي شىمالى، لياۋنىڭ يېرىم ئارىلى ، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى ، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ شىمالى ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربى ، خۇاڭخەينىڭ ئوتتۇرا شەرقى قاتارلىق جايلاردا 6 ~ 4 بال شامال چىقىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. خۇڭخەينىڭ شىمالىدا 8 ~ 7 بال شامال چىقىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە