باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا ئاممىغا مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2013.05.27 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرى داڭلىق ئارتىسلارنىڭ ئويۇنلىرىنى ھەقسىز ياكى ئەرزان باھادا كۆرۈش، يۇرت ئاتلىماي تۇرۇپ چەت ئەللىك داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بەھرىلىنىش تەس ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا مانا مۇشۇنداق قىيىن ئىشلار رېئاللىققا ئايلىنىپ، كىشىلەر بوسۇغىسىدىلا نادىر ئەسەرلەردىن ھەقسىز ياكى ئەرزان باھادا بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈشنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى، تۈرى موللاشتى، سۈپىتى ئۆستى، «ئۈرۈمچى ئاسمىنى»، «ھالاكەت دېڭىزى لوپنۇر كۆلى» قاتارلىق نادىر فىلىملەر، «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندىم» قاتارلىق سېرك تىياتىرلىرى، «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق»، «غۇنچەم» قاتارلىق دىرامىلار، «گۈزەل شىنجاڭ» قاتارلىق سەنئەت كېچىلىكلىرى تەييارلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. جايلاردىكى سەنئەت ئۆمەكلىرىمۇ ئۆزگىچە سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، يېزا – قىشلاقلارغا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئويۇن كۆرسەتتى، ھەر بىر ئەسەر يېڭىدىن مەيدانغا چىققاندا ئاممىغا ئەرزان باھادا ۋە ياكى ھەقسىز كۆرسىتىلدى، ھەر قانداق بىر كېچىلىكتە ئاممىغا مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش مەخسۇس بېلىتى تەسىس قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1 – سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ھەقسىز تارقىتىلدى. 2011 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە «ھەپتە ئاخىرىدىكى پۇقرالار سەھنىسى» تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت سەنئەت نومۇرلىرىنى سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى، شۇ يىلى 20 نەچچە سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى بەش تىياتىرخانىدا 182 مەيدان قويۇلۇپ، 110 مىڭ كىشى سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھەقسىز بەھرىلەندى. شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى تەييارلىغان «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندىم» ناملىق مۇزىكىلىق سېرك تىياتىرىمۇ شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا بىر قانچە مەيدان ھەقسىز قويۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم سەنئەتكارلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاممىغا مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، دەپ بىلىپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ يىراق، ئەڭ چەت، ئەڭ نامرات جايلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھەقسىز بەھرىلەندۈردى.

  ئىككى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىدىمۇ ئامما كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئويۇن بېلىتى تۆۋەن باھادا سېتىلدى ياكى ئويۇن ھەقسىز كۆرسىتىلىپ، ئامما تىياتىرخانىلاردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرى دوكلات ئويۇنى قويۇش شەكلى بىلەن ئاممىغا ھەقسىز ئويۇن قويۇپ بەردى. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدىمۇ ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىخەنزە، كورلا شەھەرلىرىدىكى تىياتىرخانىلارغا بىر نەچچە مەيدان ئويۇن ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئويۇن بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، ئاممىغا تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

  ھەر خىل يۇقىرى سەۋىيەلىك كۆرگەزمىلەرمۇ ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گۈزەل سەنئەت سارايلىرى، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت پونكىتلىرى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن باشقا، 2011 – يىلىدىن باشلاپ مۇزېيلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلدى. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن مۇزېي، خاتىرە سارىيى 76 گە يېتىپ، ھەر مىللەت ئامما قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەقسىز كۆردى. 2010 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە مۇزېي، خاتىرە سارايلىرىدا كۈتۈۋېلىنغانلار 14 مىليون 820 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يەتتى. 2012 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا 12 قېتىم جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىخانىلىرىدا داڭلىق رەسساملارنىڭ، خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ھەقسىز كۆرگەزمە قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا زور ئېستېتىك زوق بەخىش ئەتتى.

  يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يېزا – بازار مەدەنىيەت پونكىتلىرى، كەنت مەدەنىيەت ئۆيلىرىمۇ ئاممىغا ئېچىۋېتىلىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى. 2010 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايون مالىيەدىن 373 مىليون 360 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، يېزا – بازارلاردا مەدەنىيەت پونكىتىدىن 923 نى يېڭىدىن سالدى، 439 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 4151 كەنتنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىنى يېڭىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 120 مىليون 680 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دېھقانلار قىرائەتخانىسىدىن 6034 نى قۇردى. ناھىيە، يېزا – بازار، كەنتلەردىكى مەيدانلاردا ھەپتە ئاخىرىدا «100 كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، يىراق، چەت، نامرات جايلاردىكى خەلق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە