- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


‹‹ئەمىن جۇڭگو . 2013-يىل›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەرىكىتى باشلاندى
2013.05.27 15:18 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ، مەركىزىي كومىتېت ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى پىلانلىغان ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى قانۇنچىلىق پىروگراممىسى كومىتېتى ۋە مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ، تور بېكەتلەر ئورتاق قاتناشقان چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەرىكىتى ـــ ‹‹ئەمىن جۇڭگو . 2013-يىل ›› 26-ماي رەسمىي باشلاندى .
‹‹ئەمىن جۇڭگو ›› مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يىللىق نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ ، بۇ تۈر ئۇدا سەككىز نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى . ‹‹ئەمىن جۇڭگو . 2013-يىل ›› تۈر پائالىيىتىدە ‹‹ تىنچ-ئامانلىققا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى سەيلانە قىلدۇرۇش ، تىنچ-ئامانلىق ئارزۇسىنى ئورتاق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش! ›› باش تېما قىلىنغان بولۇپ ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامانلىق قۇرۇلۇشىدىكى تىپىك ھېكايىلەر ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملىنىدۇ . نۆۋەتتە ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ جەمئىيەت ۋە قانۇن قانىلى نۇرغۇن تارماق خەۋەر قىلىش ئەترەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتكەن ، مەملىكەتتىكى 36 يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ قانۇن كەسپى قانىلى ۋە پىروگراممىلىرى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىدۇ . بۇ نۆۋەتلىك چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەرىكىتىدە ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە ئوخشىمىغا شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ، 50 قىسىملىق يۈرۈشلۈك مەخسۇس خەۋەر ، ئۈچ قىسىملىق يۈرۈشلۈك سىياسىي مۇھاكىمىلىك خەۋەرلەر، 100 قىسىملىق يۈرۈشلۈك جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقات فىلىمى كۆرسىتىلىدۇ ، شۇنداقلا چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق سۆھبەت —‹‹ئەمىنلىك . قانۇنچىلىق . جۇڭگو ئارزۇسى›› قاتارلىقلار داۋاملىق كۆرسىتىلىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە