باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار

2013.05.27 15:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرمىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جانلىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراشقا باشلىدى. مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ مۇنۇلارنى ئىگىلىدى.

  1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىشى دۆلەتنىڭ ‹‹مەمۇرلار قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن- تۈزۈملەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەمۇرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىزمەت ئورۇنى بېكىتىشتە، ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلغان، ھەمدە مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ خىزمەت ئورنى بېكىتىلگەن. 2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر قوبۇل قىلىشىدا، پىلان بويىچە 7760 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 2480 نەپەر، خەنزۇلار 2509 نەپەر، مىللەت چەكلىمىسى قويۇلمىغانلىرى 2771 نەپەر.

  2. ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھاننى مەملىكەت بويىچە ئورتاق يېزىق خەنزۇ تىلىدا بەرگەن، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە، تاجىك، داغۇر، ئۆزبېك، تاتار، روس مىللىتىدىن بولغان ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.

  3. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت ئورنىنى بېكىتىشتە، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىي سانىنىڭ نىسبىتى بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى ئېشىپ بارماقتا، مىللەت چەكلىمىسى بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەرمىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ناھايىتى ئاكتىپ ھالەتتە تۇرماقتا، بىز قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئىشلەپ، ھەرۋاقىت ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى، كوئىنلون تورى ۋە شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى ئارقىلىق ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشىنى ياكى مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ئارقىلىق ئالاقىدار سىياسەت ۋە ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە