- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ئەكبەر غوپۇرتوقسۇدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى
2013.05.27 15:28 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ئەكبەر غوپۇر (ئوڭدىكى2-كىشى) ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە ئىچئېرىق يېزا جاي كەنتىدىكى چالغۇ ئەسۋاب ئۇستىسى ھېيىت ئىمىن ئاكا بىلەن بىرگە دېھقانلار ھويلا-ئارام ساياھەتچىلىكى ئۈستىدە پىكىرلەشمەكتە |
24-ماي ، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ئەكبەر غوپۇر باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى توقسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ ، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزا جاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلا-ئارام ساياھەتچىلىكى ، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتى ، ئۆگەن يېزا ، ساڭتام دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ ، «14-ماي» مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان كېۋەزلەرنى قايتا تېرىش ئەھۋالى، بۇلتۇر تېرىلغان كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، كېۋەز پەرۋىش خىزمىتى، كۈزگى بۇغداينى ئوغۇتلاش ، ئوت-چۆپ يوقىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ، كۈزگى بۇغداينى سۇغۇرۇش ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېخنىكىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە