باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

جيا جاڭكېنىڭ فىلىمى كاننىس كىنو بايرىمىدا مۇنەۋۋەر سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2013.05.28 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە، «تەقدىر شۇنداق پۈتۈلگەن» ناملىق فىلىمنىڭ ئايال رولچىلىرىنىڭ بىرى بولغان لى مېڭ (سولدا) جياڭ ۋۇنى قولتۇقلاپ، فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلق تورىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بېيجىڭ ۋاقتى 27-ماي سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان كاننىس كىنو بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، جيا جاڭكې «تەقدىر شۇنداق پۈتۈلگەن» ناملىق فىلىمى بىلەن مۇنەۋۋەر سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 66-قېتىملىق كاننىس خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ئاخىرقى تاللاش باسقۇچىغا كىرگەن «تەقدىر شۇنداق پۈتۈلگەن» ناملىق فىلىم جيا جاڭكې ئىشلىگەن يەتتىنچى ھىكايە فىلىم بولۇپ، بەش ئاي سۈرەتكە ئېلىنغان، 2013-يىلى 3-ئايدا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئاخىرقى خىزمەتلىرى تاماملانغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، بۇ فىلىمنىڭ كاننىس كىنو بايرىمىدا ئالقىشقا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ فىلىمنىڭ چەت ئەلدىكى نەشىر ھوقۇقىنى سېتىش ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەرگە تارقىتىش ھوقۇقى سېتىپ بېرىلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە