باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2 مىليۇن يۈەنلىك ئېسىل ماشىنىغا تويۇقسىزلا ئوت كېتىپ كېرەكسىز تۆمۈر ـ تەسەككە ئايلىنىپ قالغان

2013.05.24 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «قۇياش گېزىتى»نىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 200 مىڭ فوندسىتىرلىڭ (تەخمىنەن 2 مىليۇن يۈەن)لىك دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ماشىنىسى ماكرېن ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن، شوپۇر قورقۇپ كېتىپ سەكرەپ چۈشۈۋېلىپ يېنىك يارىلانغان.

  بۇ ئىش لوندوننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى 200 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ئىجارىگە ئېلىنغان ماشىنىغا تويۇقسزلا ئوت كەتكەن ۋە ئاخىرىدا كۆيۈپ قالدۇقلىرىلا قالغان. ئۆزلىكىدىن كۆيۈپ كەتكەنلىكتىن بۇ ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېپشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

  بۇ سۈرەتنى تارتقان ۋىليام برايس مۇنداق دېگەن: «ماشىنىغا تۇيۇقسىزلا ئوت كەتكەچكە، مەن بۇنى بەلكىم كىنوغا ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشتىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ماھارەت ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە