باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئىمتىھان نېمىلەرنى «چەكلىدى» (1)

جاڭ شو

2013.05.28 09:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرقى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلارنى ئېنىق سۆزلەپ بېرىشىنى خالايدۇ. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەلۇم بىر چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى يولۇققان قىيىن مەسىلىنى ئېلان قىلغانىدى، ئۇ قاتتىق ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ياخشى ئۇستازغا ئايلانغان ۋاقتىمدا، چەت ئەلدىكى ئىنىگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دوستلىرىم بىلەن ئادەتتىكى پاراڭلارنىمۇ تەستە قىلىدىغان بولۇپ قالارمەنمۇ؟

  بۇ چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى ئېلىمىزدە مائارىپتىكى نۇرغۇن ھالقىلارنىڭ ئىمتىھاننىڭ ‹‹چەكلەش›› كۈچىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.

  ئىمتىھان مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇشىنى ‹‹چەكلىدى››. ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار خاتىرىلەيدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار مۇھىم نۇقتىلارنى تىزىپ چىقىدۇ، ئوقۇغۇچىلار يادلايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھاندىن ئىلگىرى مۇھىم نۇقتىلارنى سىزىپ بېرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شۇ دائىرىدە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدۇ. يەنە ئىمتىھان ئالمايدىغان نۇقتىلارنى ئوقۇتقۇچىلار سۆزلىمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنمەيدۇ؛ مۇھىم نۇقتا بولمىسا ئوقۇغۇچىلار بۇ نۇقتىلارنى ئۆگەنمەيدۇ، پۈتۈن زېھنىنى ئوقۇتقۇچى سىزغۇزغان مۇھىم نۇقتىغا قارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھىم نۇقتىنى ئېيتىپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى ياخشى ئوقۇتقۇچى، مۇھىم نۇقتىنى ياخشى ئىگىلىگەن ئوقۇغۇچى ‹‹ئەلاچى›› ئوقۇغۇچى بولىدۇ.

  ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش پەقەت ئىمتىھاندا تولۇق نومۇر ئېلىش ئۈچۈندۇر. كىتاب جازىسىدا بىرمۇنچە ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى تىزىقلىق، بۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ‹‹كېرەكسىز›› كىتابلار. لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن ‹‹كېرەكسىز›› كىتابلارنىڭ ئۆمۈرلۈك لازىم بولىدىغان كىتابلار ئىكەنلىكىنى، ھېلىقى لازىملىق كىتابلارنىڭ بولسا ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن تاشلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايمىز؛ بالىلىق دەۋرىمىزدە ھەرخىل قىزىقتۇرۇش سىنىپلىرىغا قاتنىشىپ، ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە قازىنىپ، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئېلىشقا تىرىشىمىز، لېكىن داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكەندىن كېيىن قىزىقىشىمىزنى تاشلىۋېتىمىز؛ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن مەلۇم ئىقتىساس ئىگىسىنى تەربىيەلەپ چىقىشنى ئاساس قىلغان ئوقۇتقۇچى مۇھىم نۇقتىنى سىزغۇزمىغاندا، ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلىشنى، نېمىلەرنى ئۆگىنىشىنى، ئىمتىھاننى قانداق بېرىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە