تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيەلىك ناخشىچى ساي يېقىندا قارا كاستيۇم كىيىپ، كۆك گالىستۈك تاقاپ، كاننىس كىنو بايرىمى كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان. يەنە تېخى نومۇر ئېلىشقا قاتنىشىپ، نەق مەيداندا ئات چاپتۇرۇش ئۇسسۇلى ئوينىغان، ئەنگىلىيەلىك ئارتىس نائومى خاررېس قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر ساي بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى مىكروبىلوگقا چىقارغاندىلا، كۆپچىلىك ئاندىن بۇ ئەرنىڭ ئەسلىدە ئالدامچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.