باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستان ھاراق سېتىشنى چەكلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىشى مۇمكىن

2013.05.24 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان ھاراقچىلىق بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى .ئامىر كالىيېف قازاقىستاننىڭ بەلكىم كەچ سائەت 21 دىن ئىككىنچى كۈنى سائەت 12 گىچە ھاراق سېتىشنى چەكلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  كالىيېف مۇنداق دېگەن: زۇڭتۇڭ نەزەربايوف دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەرنى ئىسپىرىت ئىستېمالىنى تۆۋەنلىتىشنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۆلۈم ئاتلىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە مالىيە مىنسىتىرلىقى، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باج كومىتېتى ۋە باشقا بۆلۈملەرنىڭ ۋەكىللىرى بار. نۆۋەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىسپىرىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئوبروت نازارىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئۆزگەرتىپ، ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىسپىرىت مەھسۇلاتىنى سېتىشنى چەكلىمەكچى ۋە كېچىدە ھاراق سېتىشنى چەكلەش ۋاقتىىنى ئۇزارتماقچى. ھازىر كېچىدە ھاراق سېتىشنى چەكلىگەن ۋاقىت كېچە سائەت 23 دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 8 گىچە بولۇپ، يېڭى پىلاندا بۇ ۋاقىت كەچ سائەت 21 دىن ئىككىنچى كۈنى سائەت 12 گىچە ئۇزارتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە