باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

پىنگىۋىنلار ئۇچۇش ئىقتىدارىدىن ۋاز كەچكەن ئىكەن

2013.05.27 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيەدە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولغان پىنگىۋىن ئىلگىرى سۇدىكى پادىشاھلىق ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇچۇش ئىقتىدارىدىن ۋاز كەچكەن ئىكەن. پىنگىۋىننىڭ قانىتى سۇغا چۆكۈشكە قولاي بولۇپ، مۇشۇ قانات بولغاچقا پىنگىۋىنلار دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلرىغا چۆكۈپ كىرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يىيەلەيدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر پىنگىۋىننىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان چايكىنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغاندىن كېيىن، قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەم ئۇچۇش ئىقتىدارى ھەم سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنى بىرلىكتە ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقىغان. پەيلىرى ئاق، قارا رەڭلىك دېڭىز چايكىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىلا پىنگىۋىنغا ئوخشاپ قالماي، يەنە ئۇ سۇ ئۈزۈش ماھىرى ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئۇنىڭ پىنگىۋىن بىلەن بولغان پەرقى شۇكى، ئۇ بىپايان كۆكتە بىمالال ئۇچالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە