باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

2013.05.27 08:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەدەنىيەت مىنىستىرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 24-ماي قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى سەي ۋۇ ھۆكۈمەت مەدەنىيەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ تەكلىپكە بىنائەن ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.

  يىغىن قاتناشچىلىرى 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشدىن بۇيانقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە قانداق قىلغاندا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.

  ھەر قايسى تەرەپلەر بىردەك: كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارىدى ھەمدە داۋاملىق تىرىشىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى مەدەنىيەت جەھەتتە قوللايدىغانلىقى ۋە روھى جەھەتتە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە