باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئالىملىرى ھۈجەيرىنىڭ «ياشارتىش» مېخانىزمىنى بايقىدى

2013.05.27 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، دۆلىتىمىز ئالىملىرى بىر خىل يېڭىچە ھۈجەيرە بىيولوگىيە مېخانىزمىنى بايقىدى، كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرىنى قوزغىتىش-يېتەكلەش تېخنىكىسىنى كېسەللىك داۋالاشتا قوللىنىلىش قەدىمىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۇاڭجۇ بىيو دورا ۋە ساغلاملىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېي دۇەنچىڭ، جېڭ خۇي باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا تاماملىغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 26-چېسلا «تەبىئەت. ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرىنى قوزغىتىش جەريانى ئادەم تىنىدىكى ئادەتتىكى ھۈجەيرىلەرنى «ياشارتىپ» دەسلەپكى تۈرەلمە باسقۇچىدىكى يېتىلىش ھالىتىگە قايتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدەندىكى مۇتلەق كۆپ تۈردىكى ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىش ئىقتىدارىنى قايتا ھاسىل قىلالايدىكەن. بۇ تېخنىكىنى ئورناتقان ئالىم مۇشۇ نەتىجىسىگە ئاساسەن 2012-يىللىق نوبىل بىيولوگىيە-تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ھۈجەيرە سەۋىيەسىدىكى «ياشارتىش» جەريانىغا نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق سىرلىرى يوشۇرۇنغان، لېكىن نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغىنى بەكلا ئاز.(ۋۇ جىڭجىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە