باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

رۇسىيە پۈتۈن دۇنيا قورال-ياراغ بازىرىنىڭ 1/4نى ئىگىلىدى

2013.05.24 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-چېسلا رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى. رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ شۇ كۈنى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، رۇسىيە ئىقتىدارى دۇنيادا ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان قوراللار بىلەن تەمىنلەشتە، ئالدى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدى تەشكىلاتىغا (بىخەتەرلىك ئەھدى تەشكىلاتى) ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيەنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇقىم راۋاجلىنىپ، دۇنيا قورال-ياراغ بازىرىدا ئېكسپورت سوممىسى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى ھەمدە قورال-ياراغنىڭ ئېكسپورت تۈرلىرى ۋە ئۇنى سېتىۋالغۇچى دۆلەتلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇ تىن زۇڭتۇڭ تەۋەلىكى بىلەن تاشقى ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا كومىتېت يىغىنى چاقىردى ۋە رۇسىيەنىڭ چەت ئەللەرگە قورال-ياراغ سېتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قارىتا رازىلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، ھازىر تولۇق ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، رۇسىيە قورال-ياراغ ۋە ھەر خىل مەخسۇس ئۈسكۈنە ئېكسپورتى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيا قورال-ياراغ بازىرىنىڭ 1/4نى ئىگىلىدى.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە