باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇنسىز بوز يەر ئېچىشقا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2013.05.28 09:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ماس كەلمىگەن ياكى ئورمانلارنى ، ئوتلاقلارنى ۋەيران قىلىش تىپىدىكى بوز يەر ئېچىشنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەستىقلىمايدۇ .

  يېقىندا ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، بايلىق ئېچىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ، بوز يەر ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى .

  ھەرقايسى جايلار قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش قىلمىشىنى تىزگىنلەش ۋە تەكشۈرۈشنى تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانى سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ، بوز يەر ئېچىش ئىشلىرىنى ئۆ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەستىقلاش ياكى قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا تىزگىنلىمەسلىك ، يوشۇرۇپ دوكلات قىلماسلىق ، دېلونى باستۇرۇپ قويۇپ تەكشۈرمەسلىك قاتارلىقلارغا قارىتا ، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .

  ھەرقايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمە) ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ ، ئۆز قارىمىقىدىكى يەرلەرنى ئېچىش (بوز يەر ئېچىش) ئەھۋالىغا قارىتا مەخسۇس تازىلاش ئېلىپ بېرىپ ، بايقالغان قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ مەخسۇس نازارەت قىلىدۇ .

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش قىلمىشلىرى پات-پاتلا يۈز بېرىپ ، يەر بايلىقىنى مۇۋاپىق ، تەرتىپلىك ئېچىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنىدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە