پارتىيە ئىچىدىكى ئىككى مۇھىم بەلگىلىمە ئاشكارا ئېلان قىلىندى
2013.05.28 16:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-چېسلا بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىمە تۈزۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرى ۋە مىزانلىق ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش بەلگىلىمىسى» بۈگۈن ئاشكارا ئېلان قىلىندى. بۇ ئىككى پارتىيە ئىچى بەلگىلىمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئېلان قىلىنىشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.(شېڭ رويۈ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە