باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىراق بولىۋاتىدۇ،ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پەرقىنى تۈگىتىشكە توغرا كېلىدۇ

2013.05.28 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئەمگەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە ئىش ھەققىكەسپىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى سۇ خەينەن مۇنداق كۆرسەتتى: «دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىۋاتىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەر ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىكلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي توپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاستىراق بولسا، جەمئىيەتتىكى كىرىم سەۋىيە پەرقىنى كىچىكلىتىشكە پايدىسز. دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بەزى بىر يىللاردا ئەڭ ئاستا بولۇپ قېلىشىنى چوڭ مەسىلە دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئەھۋالئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا بولمايدۇ».

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇا يىڭفاڭ مۇنداق كۆرسەتتى، نۆۋەتتە سۇغۇرتىغا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى رەسمىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەردىن سىرت، يەنە يۈز مىليوندەككىشى ئۆز يۇرتىدىكى يېزا-بازار كارخانىلىرىدا ئىشلەيدۇ ياكى باشقا ئىش تېپىپ ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭنۇرغۇنلىرى يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان.

  مەملىكەتتىكى كۆپىنچە جايلاردا، دېھقانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ھەر ئايدا كىشى بىشىغا پەقەت 55 يۈەن بولۇپ، نەچچە يىلدىن بۇيانئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىدى. بۇنىڭسەۋەبىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى دېمىگەندىمۇ، ئاز بولمىغان ياشلار بۇنچىلىك پۇلكەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنى قامدىيالمايدۇ دەپ، يېڭىچەيېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى خالىمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە