باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە دۆلەت دۇماسى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

2013.05.28 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ماي چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارېشكىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن نارىشكىندىن پىرېزىدېنت پۇتىنغا سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يوللىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيەلىكلىكى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇ يەردىكى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەت ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىرى بىرىنى قەتئىي قوللىدى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتىنىڭ غايەت زور ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا قوللىشى ئومۇميۈزلۈك، بىرىنچى، بىرى بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلىكى، تەرەققىيات قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىپادىلىنىدۇ، ئىككىنچى، قارشى تەرەپ زور تەبئىي ئاپەت قاتارلىق ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئىپادىلىنىدۇ، ئۈچىنچى زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ، يېڭى تارىخىي دەۋىردە ئىككى تەرەپ ۋەزىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن ئۆزئارا قەتئىي قوللاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ئۇزاقدىن بۇيانقى دوستانە ئالاقىسىغا ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كومىتېتلىرىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىكلىكى كۈچلۈك بولۇش، ئالاقىسى كەڭ بولۇشتەك ئۈستۈنلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرى رامكىسى ئاستىدىكى ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نارېشكىن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ رەئىس شى جىپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەيلى رايون ياكى خەلقئارا ئىشلاردا بولسۇن رۇسىيە جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىك شېرىكىمىز دەپ قارايدۇ، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلاردىكى ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رۇسىيە جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىغا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە