- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ياپونىيىدىن تارىخقا توغرا قاراشنى تەلەپ قىلدى
2013.05.29 17:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 28- ماي قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياپونىيىدىن تارىخقا توغرا قاراش پوزىتسىيىسى قوللىنىشى، كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ئالاقىدار پوزىتىسىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە تۈزىتىشى، ساۋادسىزلاردەك سۆزلىمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.
خوڭ لېي مۇنداق دېدى: دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيىسى ئۈستىدە جۇڭگونىڭ قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلىدى. يېقىنقى زاماندا، ياپونىيە مىللىيتارىستلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇزلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار قاتارلىق جۇڭگو زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالدى. بۇ تارىخى پاكىتنى يوققا چىقارغانلىق. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياپونىيە ئەينى يىلى پوتىسدام ئېلانىنى قوبۇل قىلىپ، شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى جاكارلىدى.
پوتىسدام ئېلانىنىڭ سەككىزىنچى ماددىسىدا قاھىرە خىتابنامىسىدىكى ماددىلارنى جەزمەن يولغا قويۇش ئېنىق يېزىلغان ئىدى. قاھىرە خىتابنامىسىدە ياپونىيە ئېلىۋالغان جۇڭگو زېمىنىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم،دەپ تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلدى. 1972-يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقان ۋاقىتتا ئىمزالانغان جۇڭگو ياپونىيە بىرلەشمە باياناتىدا ياپونىيەنىڭ پوتىسدام ئېلانىنىڭ سەككىزىنچى ماددىسىغا قەتئىي ئەمەل قىلىش مەيدانى ئېنىق يېزىلغان. بۇ ئېنىق تارىخىي پاكىت.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە