باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان ياپونىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك كاپالىتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

2013.05.29 17:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغان ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى سېنگى تۈنۈگۈن توكيودا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان بىلەن ياپونىيە سىياسىي، بىخەتەرلىك كاپالىتى ساھەسىدىكى سۆزلىشىشنى كۈچەيتىدۇ، ھەربىي مانېۋىر ۋە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز ئوكيان بىخەتەرلىك كاپالىتى ھىندىستان بىلەن ياپونىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، ھىندىستان ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ دېڭىز ئوكيان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدۇ.

  سېنگى شۇ كۈنى ياپونىيە ئىقتىسادىي تەشكىلاتى بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن چۈشلۈك زىياپەتكە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئاساسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز، ياپونىيە كارخانىلىرىنى دېرى بومباي كەسپى تۈگۈنى پىلانىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

  شۇ كۈنى، سېنگى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزونىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆز شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى. سېنگى 27-ماي ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. 29-ماي ئابى شىنزو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە