باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى جۇڭگو تائاملىرى ئاشخانىسى شىر گۆشى سېتىپ غۇلغۇلا قوزغىدى

2013.05.29 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «مۇھاجىرلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇرلىنگام شەھىرىدىكى جۇڭگولۇقلار ئەۋلادى ئاچقان بىر ئاشخانىنىڭ تاماق تىزىملىكىدە قىممەتلىك ھايۋان دەپ قارىلىدىغان شىرنىڭ گۆشى بولغاچقا، توردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغان ھەمدە ئاھالىلەر بۇ ئەھۋالنى تېلېفوندا پاش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاشخانا ئۆتكەن ھەپتە شىر گۆشى تەمىنلەشنى توختاتقان.

  KCBS تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، موكۇتانيا ياكتورى ناملىق بۇ ئاشخانا 16- ماي ئىللىنويىز ئىشىتاتىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىن قانۇنلۇق يول بىلەن شىر گۆشى سېتىۋالغان ھەمدە شۇ كۈندىن باشلاپ خېرىدارلارغا شىر كاۋىپى تەمىنلىگەن.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ئاشخانا خوجايىنى جاسون لىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ FACEBOOK تورىدا ۋە تېلېفوندا نۇرغۇن كىشىنىڭ شىكايىتىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي 18-ماي شىر گۆشىنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىپ، تەمىنلەشنى توختاتقان ھەمدە توردا ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان.

  جاسون لى توردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىر گۆشى يېيىشنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. مەن پەقەت كىشىلەرگە شىر گۆشى يېسە ھېچنىمە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىغان. ئەلۋەتتە، مەن ئۇلارنى يېيىشكە مەجبۇرلىمايمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ تېتىپ باققۇسى كەلسە سىناپ باقسا بولىدۇ.»

  ئاشخانىدىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر زىق شىر گۆشى كاۋىپىنىڭ ئېغىرلىقى بەش ئۇنسىيە، باھاسى 70 يۈەن ئىكەن. ئىككى خېرىدار بۇ يەردە شىر گۆشىنى تېتىپ باققان. جاسون لىنىڭ ئېيتىشىچە، شىر گەرچە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان بولسىمۇ، ئەمما قانۇنسىز سودا قىلمىغان، بەلكىم كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق ھالدا شىر گۆشى سېتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. جاسون لى ھازىر ئىشىپ قالغان نەچچە 10 قاداق شىر گۆشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تېخى قارار چىقارمىغان.

  بۇ ئاشخانىدا شىر گۆشى تەمىنلەش توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما تاماق تىزىملىكىدە يەنە باشقا دۆلەتلەردە ياقتۇرۇلىدىغان توز، تىمساھ، كېنگورو، ئاققۇ قاتارلىق ھايۋانلارنى گۆشى بار ئىكەن. ئاشخانىدىكىلەر تاماق تىزىملىكىدىكى بۇ ھايۋان گۆشلىرىنىڭ ئومۇمىي تاماق تۈرىنىڭ ئاران %5 تىدىن %10 گىچە بولغان قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جاسون لى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: مەيلى شىر گۆشى تەمىنلىسۇن ياكى سېتىشنى توختاتسۇن، ئاشخانىنىڭ تىجارىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە